UYGUR TV

27/11/2022 تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن يەرلىك سايلامدىن كېيىن پارتىيىسىدىن ئىستىپا بەردى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىن ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئىزاھات تەلەپ قىلدى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئولتۇراق بىنادا يۈز بەرگەن ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈپ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئوت ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئىلان قىلدى. 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھنىسىدە ئۆيلەرنى قامال قىلىپ تاقىۋېتىشى ۋە ئاپەت يۈز بەرگەندە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ۋاقتىدا كەلمەسلىكى سەۋەبلىكى ئاز دېگەندە 44 ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا چاقىرىق قىلغان ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 26-نويابىر جۈمە كۈنى ئىلان قىلىنغان باياناتتا، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەنگەن. باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىدىن ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بېرىش تەلەپ قىلىنغان. ئامېرىكا خىتاينىڭ بەش تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى چەكلىدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خۇاۋېي قاتارلىق بەش خىتاي پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يېڭى ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشنى توختاتتى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان يېڭى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ۋە ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان يېڭى قائىدىلەرنى بىردەك ماقۇللىدى. ئىگىلىنىشىچە، مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىمپورت قىلىنىشى ۋە سېتىلىشى چەكلەنگەن تېخنىكا شىركەتلىرى ئىچىدە خۇاۋېي، جوڭشىڭ، خەيكاڭ شىۋېي، داخۇئا ۋە خەينېڭدا قاتارلىقلار بار ئىكەن. قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلبە قىلغان توقايېف ۋەزىپىگە ئولتۇردى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغان قاسىم توقايېف ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ پايتەخت ئاستانەدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىش مۇراسىمىنى نۇرغۇن ئامما بىلەن كۆرگەن. تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن يەرلىك سايلامدىن كېيىن پارتىيىسىدىن ئىستىپا بەردى تەيۋەندىكى خەلق 26-نويابىر يەرلىك سايلامغا قاتناشتى. سايلامدىكى تۇنجى دەسلەپكى نەتىجىگە قارىغاندا، ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە گومىنداڭ پايتەخت تەيبېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رايونلاردا غەلىبە قىلغان. تەيۋەندە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى سايلامدا مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئۆزىنىڭ پارتىيە رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مىقياسىدا ئىسيان كۆتۈرۈلدى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن پۈتۈن خىتايدا يۇقۇم تەدبىرلىرىگە قارشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان داۋالغۇش ئوتتۇرىغا چىقتى. نۇرغۇن جايلاردا خەلق كوچىلارغا چىقىپ قامالنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ۋېيبودىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئاتالمىش كارانتىن تەدبىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىلگىرىكى ئاپەتلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «نۆل كوۋىد» سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشى ۋە يولغا قويۇلغان قاتتىق تەدبىرلەر بىر مەزگىلدىن بۇيان خىتاي ئىچى-سىرتىدا تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur