UYGUR TV

27/4/2024 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتىنى ئەيىبلىگەن

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتىنى ئەيىبلىگەن 25-ئاپرېل كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتى (BASF) نىڭ يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان روسېنگارتېن مەركىزى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن قارىغاندا، شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارتىن برۇدېرمۈللەر شىركەتنىڭ يىللىق يىغىنىدا «خىتاي بازىرىنى داۋاملىق ئېچىش، ئۇ يەردە يېڭى زاۋۇتلارنى قۇرۇش» ھەققىدە سۆز قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى رەت قىلغان. بىلىنكېن خىتاي زىيارىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا مىنىستىرى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم نۇقتىلار ۋە بىر قاتار رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. بىللىنكېن زىيارىتى جەريانىدا خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيىسى ۋە دېموكراتىك ئورگانلىرىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىمى ۋە يەككە دېلولاردىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ شاھىتى بولغان ئۇيغۇر دوختۇرى بۇ دەھشەتنى تەسۋىرلىدى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئورگان يىغىش مەشغۇلاتىغا قاتناشقان، كېيىن پاش قىلغۇچىغا ئايلانغان ئۇيغۇر دوختۇر ئەنۋەر توختى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەزالارنى يىغىش ۋە راكقا مۇناسىۋەتلىك قاراڭغۇ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ياردەم بەردى. بىر قوراللىق ساقچى ئۇيغۇر دوختۇر ئەنۋەر توختىغا ئۈرۈمچى سىرتىدىكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئورنىدا تېخى ئۆلمىگەن مەھبۇسنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىشنى ئېيتىدۇ. ئۇ بۇ ۋەھشەتنى «ئۇلار مېنى ئۆلتۈرىدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ 1995-يىلى بولۇپ، ئەنۋەر توختى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆمۈر يول مەركىزى دوختۇرخانىسىدا ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەزالارنى يىغىۋېلىش جىنايىتى، شۇنداقلا يادرو سىناقلىرى بىلەن راك نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى توغرىسىدىكى ئاشكارىلىشى ئۇنى 1998-يىلى ئالدى بىلەن تۈركىيەگە، ئاندىن لوندونغا قېچىشقا مەجبۇر قىلغان. بلىنكېن خىتاينىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن، خىتاينىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئارىلىشىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن 26-ئاپرېل خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى توختاتمىسا، ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئىراق خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى سېتىۋالغانلىقىنى دەلىللىدى ئىراقنىڭ خىتايدىن CH-5 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالغانلىقى ئىراق ئاۋىئاتسىيە قوماندانلىق شتابىنى تونۇشتۇرىدىغان سىن ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان سىنغا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باغداتتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يەرمەنكىدە ئىراق قۇرۇقلۇق ئاۋىئاتسىيە قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن. سىن ئارقىلىق ئىراقنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن CH-5 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى سېتىۋالغانلىقى ئىسپاتلانغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur