UYGUR TV

28/11/2022 خىتايدا سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى تۆۋەنلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى خىتاي مىقياسىدا يۇقۇم قامالىغا بولغان نارازىلىقلارنى ئۇلغايتتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە بىر كىچىدىلا ئەۋجىگە چىققان غەزەپلىك نامايىش 26-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگىمۇ يامرىغان. تىۋىتتېردا تارقالغنا سىنلاردا، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەيدە نامايىش قىلغان خەلق، «كومپارتىيە يوقالسۇن، شى جىنپىڭ يوقالسۇن!» دەپ شوئار توۋلىغان. يەرلىك مەنبەلەر ۋە تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشچى ئامما ئوت كەتكەن بىناغا قارىتىلغان قۇتقۇزۇشنىڭ كېچىكىشىگە دائىرىلەرنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنى قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرلىرى سەۋەب بولغان، دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ ئىش چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. گېرمانىيە ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدىغان گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان بىلد گېزىتى يېقىنقى 10 يىلدا بۇنداق چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ بىر قىسىم نامايىشچىلارنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. بىلد گېزىتى يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قوللىشى دائىرىسىدە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتە بايانات ئىلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا سەزگۈر ۋە ئىھتىياتچان مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ھېچ بىر ۋاقت خىتايلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمىدى. ھازىر خىتاي خەلقىمۇ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش نامىدىكى قامالنىڭ تەسىرىدە بېسىمغا چىدىماي ھەرىكەتكە ئۆتتى. لېكىن خىتاي ئەزەلدىن ئۆز خەلقىگە باشقا، ئۇيغۇرلارغا باشقا مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. شۇڭا، بىز ئۇيغۇر خەلقنىڭ 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش يەنە بىر قەتلىئامغا ئۇچراپ قېلىش ئىھتىماللىقىغا قارىتا ھوشيار تۇرۇشىمىز كېرەك». دۇيسبۇرگدا ئاياللارغا مەسلىھەت بېرىلدى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياردەم ئەلى فوندى جەمئىيىتى ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئايشە دۇماننى گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگدا مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلدى. ئايشە دۇمان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر جەمئىيىتىدە ئاياللارنى تەربىيلىدى. ئائىلە مەسلىھەتچىسى ئاسىي تۈركان ئۇيۇشۇرغان بۇ يىغىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدى. مەلۇم بولۇشىچە، دوكتور ئايشە دۇمان بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدە ئاياللارغا تىببىي مەسلىھەت بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن. خىتايدا سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى تۆۋەنلىدى خىتايددىكى سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى 2022-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 3 تۆۋەنلىگەن. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 10 ئاي ئىچىدە يىللىق تىجارەت كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى 6 تىرىليون 988 مىليارد يۈەن بولغان. نۇرغۇن ساھەدە ئۆلچەنگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم خىتاي ۋىرۇسى پارتىلىغان دەسلەپكى ئايلاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان. ئىران پارلامېنتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىدى ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشى قانۇن لايىھىسى پارلامېنتتا ماقۇللاندى. ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك لايىھەنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ۋە تەپسىلاتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ئىران پارلامېنتىدا ئېچىلغان ئوچۇق يىغىندا بېلەت تاشلانغان. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «ئۆزەك ئۇرۇشى» ياۋروپاغا تارقالدى ياۋروپادىكى ئىككى مۇھىم ئۆزەك سودىسى خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا رىقابىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. غەرب خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقاندا، ئىككى كېلىشىم توختىتىلدى. ئالدىنقى ھەپتە، گىرمانىيەدىكى بىر ئۆزەك زاۋۇتىنىڭ سېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىمۇ توختىتىلدى. ھەر ئىككى سودىدا خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى دەپ كۆرسىتىلدى شىمالىي كورىيە رەھبىرىدىن «ئىستراتېگىيىلىك كۈچ» باياناتى شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم 18-نويابىردىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قاتناشقان ھەربىي ئەمەلدارلارغا ئۇنۋان بېرىلگەن بىر مۇراسىمغا قاتناشتى. كىم بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىستراتېگىيىلىك كۈچكە ئىگە بولۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur