UYGUR TV

28/3/2024 بىر جەمەتتىن ئۈچ ئەۋلاد تۇتقۇن قىلىندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر بىر جەمەتتىن ئۈچ ئەۋلاد تۇتقۇن قىلىندى ېقىندا «شاھىت بىز» تورىنىڭ X ھېسابىدا، 2017-يىلى 18 ياش ۋاقتىدا لاگېرغا سولانغان خەيرۇل مەمەتنىڭ ئائىلىسى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار ھەمبەھىرلەنگەن. بۇ ئۇچۇرغا قارىغاندا، خەيرۇل مەمەتنىڭ بوۋىسى ئابدۇرازاق ئوسمان 74 ياش بولۇپ، 2017-يىلى 10 يىللىق كېسىلگەن؛ دادىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇرازاققا 2017-يىلى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، 2018-يىلى تۈرمىدە قازا قىلغان. «شاھىت بىز» تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خەيرۇل مەمەت ئوقۇغۇچى بولۇپ، تۇرۇشلۇق ئادرېسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە بۇلاقسۇ يېزىسى 5-كەنت ئىكەن. 2022-يىلى ئاشكارا بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر ئارخىپتا خەيرۇل مەمەتنىڭ ئائىلىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ يەر ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك جەمەت بويىچە تۇتۇلۇپ كەتكەن ئەھۋاللارنىڭ 2020-يىلى فېۋرالدا خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىمۇ ئۇچرايدىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى مۇھاكىمە قىلىندى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى نۆۋەتتە ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان ئىچكە ئەزا ئوغرىلىقى، ئىچكى ئەزا سودىسى ۋە ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنىڭ بىر-بىرىگە باغلانغان ھالدا غايەت زور سىستېمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى تېخى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا تەپسىلىي قاراپ چىقىلغان ئىدى. بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ساھەگە بۇ قاباھەتنىڭ خەتىرىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 26-مارت كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا بۇ تېما ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، رايوندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە تەكشۈرگەن. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئورگان تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ 18-مارتتىن 20-مارتقىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىگە بارغان ۋە بۇ جەرياندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزەك شىركىتى نىشانماقتا ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينىڭ جۇڭشىن شىركىتى خۇاۋېي ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان ئۆزەكنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى جۇڭشىن خەلقئارا شىركىتى (SMIC) خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېي ئۈچۈن ياسىغان يەتتە نانومېتىرلىق ئىلغار ئۆزەكنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر 22-مارت خوڭكوڭنىڭ ئاكسىيە بازىرىدا جۇڭشىن شىركىتىنىڭ پاي باھاسىنىڭ %5.5 چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەيۋەن: تىكتوك دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى بولۇۋاتقان تەيۋەندە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە سىن سۇپىسى تىكتوكنى «دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەيۋەن رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرى ئاۋدرېي تاڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت يىغىنىدا: خىتاينىڭ بايتدەنس شىركىتىنىڭ ئاساسلىق شېرىك بولغان تىكتوكنىڭ دۆلەت ئۇچۇرلىرى ۋە خەۋەرلىشىش بىخەتەرلىكى جەھەتتە «خەتەرلىك مەھسۇلات» قاتارىغا كىرىدۇ، دېدى. ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ۋە تېخنىكا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەكىتلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە ئىلمىي ساھەسىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم شىركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. شى جىنپىڭ ئۇلارغا خىتاينىڭ يېڭى دەۋردە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازارنى ئاساس قىلغان، قانۇننى ئاساس قىلغان ۋە دۇنياۋى سودا مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur