UYGUR TV

29/11/2022 شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى قۇربانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ۋە خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە، شۇنداقلا گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش نۆل كوۋىد سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە بىنالار ۋە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى كارانتىنا نامىدا تاقىۋېتىلگەن بولغاچقا كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقالمىغان، شۇنداقلا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋاقتىدا تەدبىر قوللانماي نۇرغۇن كىشىىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا ئوت كەتكەن 27-نويابىر كۈنى كەچتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ پولات تاۋلاش بازىسى بولغان ئۈرۈمچىدىكى «باگاڭ»، يەنى 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا ئوت كەتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوت ئاپىتى 27-نويابىر كەچ سائەت 9 دا، باگاڭ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ بىر پولات ئېرىتىش قازىنىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېلىپ چىققان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ۋەقەدە ھېچقانداق ئادەم چىقىم بولمىغانلىقى، پارتلاشنىڭ ئۈسكۈنىدىكى كاشىلا سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقى، نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار يېنىدىكى ئ‍ۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بېرىشى، پۇقرالاردا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغان. خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئەۋج ئالدى خىتايدا چېكىدىن ئاشقان كارانتىنا تەدبىرلىرىگە قارشى باشلانغان نامايىشلار ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانغا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا يۈز بەرگەن ۋە دائىرىلەرنىڭ چەكلمىلىرى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئوت ئاپىتىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار خىتاي پايتەختى بېيجىڭ ۋە پۇل-مۇئامىلە مەركەزلىرى شاڭخەيلەرگە كېڭەيدى. خىتاي نامايىشىچلار قوللىرىدا ئاق قەزغەنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى. بەزى جايلاردا نامايىشىچلار كومپارتىيە يوقالسۇن، شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن! دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى. كانادا: ئوخشىمىغان دۆلەتتىن كەلگەن 1.5 مىليون كۆچمەن قوبۇل قىلىنىدۇ كانادا ھۆكۈمىتى كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بىر يېرىم مىليون كۆچمەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، كاناد ھۆكۈمىتى 2025-يىلغىچە بىر يېرىم مىليون دائىملىق ئاھالىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسى تەييارلىغان. ھۆكۈمەت ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى ماھارەتلىك كەسىپلەردە ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. كانادانىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستتا 958 مىڭ ئەمگەك كۈچى ئىھتىياجى بار ئىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتتە 1 مىليون كىشى ئىشسىز ئىكەن. خىتايدا كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچى سانى رېكورت ياراتتى خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 40 مىڭ 347 يېڭى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىسى بايقالغاندىن كېيىن، كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچى سانى تۇنجى قېتىم 40 مىڭدىن ئېشىپ، يېڭى رېكورت ياراتتى. خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈندىلىك رېكورتنىڭ 40 مىڭ 347 يېڭى يېڭى يۇقۇملانغۇچى بىلەن بۇزۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 3822 ئادەمدە كېسەللىك ئالامىتىى كۆرۈلگەن، 36 مىڭ 525 كىشىدە بولسا كېسەللىك ئالامىتى يوق ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مەركىزى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم يېتىم ۋە قىيىىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يېمەكلىك ۋە نەق پۇل ياردىمى تارقىتىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur