UYGUR TV

24/4/2024 تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا 26 كېلىشىم ئىمزالاندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى دۈشەنبە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان زۇلۇملار قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن مەزكۇر دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھۆججەتلىرى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى داۋام قىلماقتا.» ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى قارار قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرى سەيشەنبە كۈنى بېلەت تاشلاپ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قارارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. گەرچە بۇ قارار خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتە مۇھىم رولى بولىدىغانلىقنى تىلغا ئالغان. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 555 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تىكتوكنى «سېتىش ياكى چەكلەش» قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تىكتوكنىڭ ئانا شىركىتى بولغان «بايتدەنس» نى بۇ ۋىدېئو سۇپىسىنى سېتىشقا ياكى چەكلەشكە مەجبۇرلايدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ئۇكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ چوڭ لايىھەنىڭ بىر قىسمى بولغان «ئامېرىكىلىقلارنى چەتئەللىك دۈشمەنلەر كونتروللۇقىدىكى ھەرىكەتلەردىن قوغداش» ناملىق قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىنغا ئەۋەتىلدى. بايدىننىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ قانۇن لايىھىسى ئۆتكەندە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندا، سېتىش مۇددىتى ئالتە ئاي قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تويۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان 2019-يىلدىن باشلاپ ئالتە يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇ تويۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ خىتايغا قايتقان. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، باش ئەلچى پېيۋۇنىڭ تۇيۇقسىز دۆلەتتىن ئايرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تېخى ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، كانادانىڭ ئوتتاۋادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ مەسىلىگە باھا بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئىگىلىنىشىچە، باش ئەلچى پېيۋۇ بۇ دۆلەتتىكى 6 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دىپلوماتىك قانۇنلارنى كۆزگە ئىلمىغان. كانادادا چىقىدىغان «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ 9-ئاپرېل تۇيۇقسىز ئايرىلىشى دىپلوماتىك قائىدىگە ماس كەلمەيدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تەكشۈرۈشنى باشلىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى خىتاينىڭ ئەزا دۆلەتلەرنى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىشى توغرىسىدا تەكشۈرۈشنى باشلىغان. بېيجىڭ بولسا بىريۇسسېلنى بۇ تەكشۈرۈش ئالدىدا ئىقتىسادتىكى «قورۇقچىلىق» تەدبىرلىرىنى قوللانغان دەپ ئەيىبلىدى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىنىڭ قىممىتى 2022-يىلى تەخمىنەن 135 مىليارد ياۋرو بولۇپ، بېيجىڭ بۇ ساھەدىكى ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ بازار ئىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىقسا، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش كۈن تەرتىپتە بولىدىكەن. تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا 26 كېلىشىم ئىمزالاندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىئە ئەل سۇدانى باغداتتىكى ھۆكۈمەت سارىيىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 26 ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur