UYGUR TV

14/08/2022 يەنە 30 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر يەنە 30 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۇشۇرۇش ۋە ساختا تەشۋىقات قىلىشتىكى ۋاستىلىرىدىن بىرى چەتئەل دىپلوماتلىرىنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، يېقىندا 30 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان. ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى» تورىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان 30 دۆلەتتىن كەلگەن 32 نەپەر ئەلچى ۋە دىپلومات خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن «رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۆرۈش» ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بەش كۈنلۈك زىيارەت ئۆتكەن 8-ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي لىتۋا ئەمەلدارىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە قارشى چىقتى لىتۋا قاتناش ۋە ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئاگنې ۋايچۇكېۋىچۇتېنىڭ باشچىلىقىدىكى 11 كىشىلىك ھەيئەت 7-ئاۋغۇست تەيۋەنگە يېتىپ بارغان بولۇپ، بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان. بۇ زىيارەت خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 12-ئاۋغۇست ئورگان تور بېتىدە ئاگنې ۋايچۇكېۋىچۇتېغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. خىتاي تەرەپ باياناتىدا، لىتۋا قاتناش ۋە ئالاقە مىنىستىرلىقى بىلەن بارلىق ھەمكارلىقنى توختاتقانلىقىنى ۋە لىتۋانىيە بىلەن خەلقئارالىق تىرانسپورت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىمۇ توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لىتۋا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ئاز ساندىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. خىتاي موڭغۇلىيە ئارقىلىق روسىيەگە قاراتقان جازانى يېنىكلىتىدۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۇلان باتورنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيە بىلەن خىتاي ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويدى. كېلىشىمدە تران-سىبىرىيە تۆمۈر يولىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە باغلاش تۈرى بېيجىڭنىڭ مۇھىم تەبىئىي بايلىقلارغا ئېرىشىشىنى ياخشىلاش ۋە ئىمبارگو تەسىرىگە ئۇچرىغان روسىيە بىلەن بولغان سودىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. قازاقىستان: تۈركىيە بىلەن ھەربىي ئىستىخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن بولغان ھەربىي ئىستىخبارات ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان پەرماندا، 10-ماي قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ھەربىي ئاخبارات ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ تەستىقلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىرىلانكا خىتاينىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى سىرىلانكا خىتاينىڭ يۈەن ۋاڭ 5 تەتقىقات پاراخوتىنىڭ خامبانتوتا پورتىدا يېقىلغۇ ۋە تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى. سىرلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا، يۈەن ۋاڭ 5 ئىسىملىك تەتقىقات پاراخوتىنىڭ 16-22-ئاۋغۇست كۈنلىرى خامبانتوتا پورتىدا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سىرىلانكا مەتبۇئاتلىرىدىكى بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان خىتاينىڭ بۇ پاراخوتنى ئىشلىتىپ تاكتىكىلىق سانلىق مەلۇمات توپلىشىدىن ئەنسىرەپ، سىرىلانكىنى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. ئامېرىكا ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستان ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىر ىقىزىل دېڭىزدا باشلانغان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي رايون قوماندانى ئەھمەد ئېد دېبىس ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى پائۇل جوسېف روك ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفېتسىرلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى مانېۋىرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئاۋسترالىيەدە سوت گۇگۇلغا 58 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى ئاۋىستىرالىيەدە فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسى گۇگۇلغا 58 مىليون 400 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى. ئاۋىستىرالىيە رىقابەت ۋە ئىستېمالچىلار ھەيئىتى باياناتىدا: سوت مەھكىمىسى گۇگۇلنىڭ 2017-يىلى 1-ئايدىن 2018-يىلى 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاندىرويىد كۆچمە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق توپلانغان شەخسىي ئورۇن ئۇچۇرى ھەققىدە بەزى خېرىدارلارنى قايمۇقتۇرغانلىقىنى بايقىدى، دېدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur