UYGUR TV

18/11/2022 خىتاي ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى ئۈچ يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 16-نويابىر ئ‍ۆزىنىڭ 2022-يىللىق «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىتەكچىلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، «رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلار، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە شى جىنپىڭ ۋە باشقا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى يېڭى دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن». دوكلاتنى سۇنغان پارلامنېت ئەزالىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدالىرىنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلدى. بېنگال مۇسۇلمانلىرى خىتاينى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى بېنگال مۇسۇلمانلىرى 1933- ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى نامايىش قىلدى. ئاسىيا خەۋەرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېنگال مۇسۇلمانلىرى 12-نويابىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 12-نويابىر چۈشتىن كېيىن، بېنگال مۇسۇلمانلىرى داككاغا جايلاشقان داككا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپىدىكى شاھباغ دۆلەتلىك مۇزېيى ئالدىدا نامايىش قىلغان بولۇپ، نامايىشقا 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. خىتاي ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى ئۈچ يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا يۈزتۇرانە كۆرۈشتى. بۇ يىغىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى بولدى. ئىگىلىنىشىچە، كىشىدا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا خىتاي ۋە خوڭكوڭلۇق شىركەتلەرگە ئىمبارگو يۈرگۈزدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت سېتىشنى قوللايدىغان خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى باياناتىدا: «جازا بەلگىلەش ئۈچۈن بېكىتىلگەن 13 شىركەت ئىران دۆلەت نىفىت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىركەتلەرنىڭ شەرقىي ئاسىيادا ئىراننىڭ نىفىت خمىيە ۋە نىفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. بۇ بۇ يىلقى بەشىنجى قېتىملىق ئىمبارگو تىزىملىكى بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ئىراننىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن شىركەتلەرگە قارشى ئىرادىمىزنى نامايەن قىلىدۇ» دېدى. گۇاڭجۇدا خەلق خىتاي ۋىرۇسى تەدبىلىرىگە قارشى قوزغالدى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى خەيجۇ رايونىدا غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى كارانتىن سەۋەبىدىن تەسىس قىلىنغان توساقلارنى ئۆرۈۋەتكەنلىكى بايان قىلىندى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋەقەلەرگە ئائىت بولغان كۆرۈنۈشلەردە ، 5-نويابىردىن باشلاپ قاتتىق كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرى بىلەن ياشاۋاتقان ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ قوغدىنىش پونكىتىدا ساقچىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقى ۋە شوئارلارنى توۋلىغانلىقى كۆرۈلدى. بۇ تەدبىرگە قارشى تۇرغان كىشىلەرنىڭ توساقلارنى تېپىپ بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur