UYGUR TV

21/4/2024 شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق تەقىب ئىزچىل داۋام قىلماقتا

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق تەقىب ئىزچىل داۋام قىلماقتا خىتاي گەرچە خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ نورماللاشقانلىقى ھەققىدە كۆز بوياشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق تەقىب ۋە تۇتقۇن قىلىش جىنايەتلىرى داۋاملىق پاش بولماقتا. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ، قاتتىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر سىن خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ زور تۈركۈمدە ئاتالمىش «ئامانلىق ساقلاش پونكىتى»نى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى داۋاملىق باستۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. سىننى كېرىيەگە ساياھەتكە بارغان بىر خىتاي تارقاتقان بولۇپ، ساياھەتچى خىتاي يول ياقىسىغا تەسىس قىلغان ئاتالمىش «خەلقگە قولايلىق» ساقچى پونكىتلىرىنى كۆرسىتىپ: «شىنجاڭنىڭ ئامانلىقى نېمىدېگەن ياخشى» دەپ، ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي سۆزىدە يەنە يولنىڭ دوقمۇشلىرىدا ساقچى پونكىتى بولغاندىن باشقا، ھەر 20-25 مېتىر ئارىلىقتا بىر ساقچىغا ئۇچۇر يوللاش ۋە مەلۇم قىلىش پونكىتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، باشقا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا خاتىرجەم كۆچۈپ كېلىشكە تەشۋىق قىلغان. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىرلەر ئېلىنىشى كېرەك نيۇ-يورك شەھىرىدە 17-ئاپرېلدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم رېئاللىق ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى ئاڭلاپ قويۇشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭدا خىتايغا قارشى ئەمەلىي ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زۆرۈرىيەت بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى كېللىي كۇررىينىڭ قارىشىچە، يىللاردىن بۇيان مەبلەغ سېلىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئېغىر سىناقلاردىن بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنياۋى يېتەكچى كۈچلەردىن بولۇۋاتقان ئامېرىكا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىدىن بولغان خىتايدىكى دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىنى قانداق يوسۇندا سۆزلىشىش ئىزچىل سەل قارىلىپ كەلگەن. ئۆي-مۈلۈك كرىزىسى سەۋەبىدىن خىتايدىكى بانكىلارنىڭ ناچار قەرزى كۆپەيدى خىتايدا ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ ئىناۋەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۆت چوڭ بانكا 2023-يىلى ناچار قەرزنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى دوكلات قىلغان. خىتايدىكى تۆت چوڭ دۆلەت ئىلكىدىكى بانكا بولغان سودا- سانائەت بانكىسى، خىتاي بانكىسى، خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسى ۋە خىتاي يېزا ئىگىلىك بانكىسى بۇ ھەپتە، ئۆزلىرىنىڭ 2022-يىلى 1 تىرىليون 117 مىليارد يۈەن بولغان ئىجرا قىلىنمىغان كىرىم نىسبىتىنىڭ % 10.4 ئېشىپ، 2023-يىلى 1 تىرىليون 230 مىليارد يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئىلان قىلغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە 95 مىليارد دوللار ياردەم بېرىشنى تەستىقلىدى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە 95 مىليارد دوللار ياردەم لايىھەسى قوبۇل قىلىندى. ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان 95 مىليارد دوللارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت، ئۇكرائىنانىڭ 61 مىليارد دوللار ياردىمىدىن باشقا، يەنە ئىسرائىلىيەگە 26 مىليارد دوللار، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى (تەيۋەن) نىڭ بىخەتەرلىكىگە 8 مىليارد دوللار ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي-ھىندونېزىيە يۇقىرى دەرىجىلىك دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن ھىندونېزىيە دېڭىز-ئوكيان ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرى لۇخۇت بىنسار پاندجايتان بىلەن بىرلىكتە خىتاي-ھىندىنوزىيە يۇقىرى دەرىجىلىك دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق مېخانىزىمىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئىگىلىنىشچە، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان. ھىندىستاندىكى نەچچە يۈز مىليون سايلىغۇچى قاتنىشىدىغان چوڭ سايلام باشلاندى ھىندىستاندا باش مىنىستىر مودىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىپە ئەش مۇددىتى بولىدىغان ئومۇمىي سايلامنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا 21 شىتاتتا سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. ھىندىستاندىكى يۈز مىليونلىغان سايلىغۇچىلار ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىغان چوڭ سايلامغا بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان سايلامدا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ% 10 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان تەخمىنەن 970 مىليون سايلىغۇچى كەلگۈسى بەش يىلدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن تۆۋەن پالاتانىڭ 543 ئەزاسىنى سايلايدۇ. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur