UYGUR TV

21/3/2024 ئىتالىيەدىن تىكتوكقا 10 مىليون ياۋرو جەرىمانە

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن د ن ئ ئۇچۇرلىرىنى تەرتىپكە سېلىۋاتىدۇ مۇتەخەسسىسلەر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پارلامېنت كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، «خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان تېببىي ساياھەتچىلەرگە سېتىلغان مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاۋاتىدۇ» دېدى. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، «مەجبۇرىي ئەزالارنى يىغىۋېلىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئېتان گۇتمان يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ، 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ۋە ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئوبېيكتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گۇتماننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئورگان يىغىش سانائىتى ئون يىل ئىلگىرى چەكلەنگەن فالۇنگۇڭ ھەرىكىتىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئىشلىتىپ باشلانغان، ئەمما ئوتتۇرا شەرق ساياھەتچىلىرىنىڭ ھالال ئورگان تەلىپى سەۋەبىدىن 2017-يىلى ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا مەركەزلەشكەن. ياۋروپادىكى ساختا ئۇيغۇر تەشۋىقاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى ياۋروپادا خىتايلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، ساختا ئۇيغۇر تەشۋىقاتى قىلدى. ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ھەمبەھىرلەنگەن سىن ۋە سۈرەتلەردە، بىر خىتاي ئايالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ چېخنىڭ داڭلىق ساياھەت مەركىزى پراگا مەيدانىنى ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ خىتاي ئايال ساياھەتچىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇش ۋە ساختا ئۇيغۇرلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئالداش دەپ تەنقىد قىلدى. «خىتاي ئوتتۇرا شەرقتە ۋاسىتىچى بولۇشقا ئۇرۇنماقتا» خىتاي 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيە-خاماس ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خاماس ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاشكارە كۆرۈشۈپ غەززە كرىزىسىغا ئارىلاشتى. «تايمىس گېزىتى» نىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، بۇ ئۇچرىشىش خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى تەڭپۇڭلۇق سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ سۆزلىمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەزكۇر گېزىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ۋاڭ كېجيەن بىلەن خاماسنىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھانىيەنىڭ قاتاردىكى ئۇچرىشىشى خىتاينىڭ ئىسرائىلىيە ۋە غەربنىڭ غەززە كرىزىسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن يىراقلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ھىندونېزىيە: بىز جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرىمىز ھىندونېزىيەنىڭ سىياسىي، قانۇن ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ھادى تاججانتو ئۆز دۆلىتىنىڭ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە توقۇنۇشلارغا داۋاملىق ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. تاججانتو يەنە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي ناتۇنا دېڭىزىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى يادرولۇق رايوندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولغان گۋادار شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئالتە كىشى ئۆلگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پاكىستان قىسىملىرى كەسكىن قوراللىق ئېتىشىشتا، ھۇجۇم قىلغۇچى سەككىز كىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگەن. ۋەقەدىن كېيىن بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ئەترىتى بولغان «مەجىد بىرىگادىسى» ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئىتالىيەدىن تىكتوكقا 10 مىليون ياۋرو جەرىمانە ئىتالىيە رىقابەت ئورگىنىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى «بايت دەنس» گۇرۇھىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىكتوكنىڭ ئىتالىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئېرلاندىيەدىكى تارماقلىرىغا جەمئىي 10 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويۇلغان. شىركەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى يوشۇرۇن زىيانلىق مەزمۇنلاردىن قوغداشقا يېتەرلىك كۈچ چىقارمىغان دەپ ئەيىبلەنگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur