UYGUR TV

29/4/2024 خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئىمىننىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققان قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىلىق بىر مۇھاجىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىنكاسىدا تاۋاقچى كەنتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 100 نەچچە كىشى ئىچىدىن پەقەت بىرلا كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە 6 كىشىنىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققانلىقى قەيت قىلىنغانىدى. ئېنىقلاش جەريانىدا، بۇلاردىن بۇ يىل روزا ھېيت ھارپىسىدا تۈرمىدىن جەسىتى چىققان مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئىمىننىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ھاشىمنىڭ جەسەتنى كۆرگەندىن كېيىن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئىگىلىنىشىچە، نۇرىمانگۈل جەسەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلىغان ۋە جەسەتنى ئېلىپ كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنى ۋە ساقچىلارنى «قاتىللار» دەپ ئەيىبلىگەن. جەسەت يەرلىككە قويۇپ بولۇنغاندىن كېيىن ساقچىلار نۇرىمانگۈلنى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىپ سوراق قىلغان. سوراق داۋامىدا نۇرىمانگۈل ھاشىمنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ جان ئۈزگەن. پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى دۇنياۋى جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۇنياۋى جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ چاقىرىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئىلان قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن جىددىي ۋە ئەھمىيەتلىك دۇنياۋى ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ». ئوسمان باتۇر ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەندى تۈركىيە ئىيى پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى كۇرشاد زورلۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلىدى. كۇرشاد زورلۇ خاتىرىلەش ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئوسمان باتۇر ئالتايدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان بۈيۈك تۈرك دۇنياسىنىڭ قارشىلىقىنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرى ... ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىدە شەھىد بولغان قەھرىمان. مەن ئوسمان باتۇرنى شېھىت بولغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە رەھمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەيمەن. ئۇنىڭ روھى خاتىرجەم بولسۇن». ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوزۇخان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەڭگىۋار روھىنىڭ سىمۋولى ۋە قەھرىمانى ئوسمان باتۇرنى ۋاپاتىنىڭ 73-يىللىقىدا رەھىمەت بىلەن خاتىرىلەيمىز.». خىتاي تېسلانىڭ يېڭى يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنى تەستىقلىغان تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن بولۇپ، خىتايدىن پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ھەيدەش يۇمشاق دېتالىنى يولغا قويۇش ئىجازىتى ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ بۇ ئامېرىكىلىق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ تېخنىكىسىنى ۋاقىتلىق تەستىقلىغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى تېسلاغا شىركەتنىڭ «تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدەش» يۇمشاق دېتال ئىقتىدارىنى يولغا قويۇش پىلانىنى ۋاقتىنچە تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەنبەلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش كارخنىسى بولغان تېسلا خىتاينىڭ بەيدۇ شىركىتى تەمىنلىگەن خەرىتە ۋە يول باشلاش ئاساسىدا ئاپتوماتىك ھەيدەش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدىكەن. ماكرون: يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئورتاق ياۋروپا مۇداپىئەسى» ھەققىدە مۇنازىرىگە تەييارمەن فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ھەپتە ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، يادرو قوراللىرىنىڭ ياۋروپانىڭ ئورتاق مۇداپىئەسىدىكى رولى ھەققىدە «مۇنازىرە» ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ بايانات ماكروننىڭ يېقىندا ياۋروپا رەھبەرلىكىدىكى مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن بىر يۈرۈش نۇتۇقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى ئىكەن. خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىق ھەربىي ياردەم پىلانىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur