UYGUR TV

22/3/2024 «21-مارت دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» ۋە خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر «21-مارت دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» ۋە خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى 1999-يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ 30-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ھەر يىلى 21-مارت كۈنى «دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شائىرلار بۇ كۈننى تەبرىكلەپ كەلمەكتە. «دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەر خىل شەكىلدە تەبرىكلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر شائىرلىرىمىز بۇنىڭدىن مەھرۇم بولماقتا. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن يازغۇچى-شائىرلارغا قاراتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇشتىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مۇھىم ژانىرلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنىدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات تۇرسۇن، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، رەھىم ياسىن قاينامى، ئادىل تۇنياز ۋە گۈلنىسا ئىمىن گۈلخان قاتارلىق شائىرلار تۈرمىلەرگە قامالدى. لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر شائىرلىرىنى نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىش نىشانى قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇق-نەتىجىلىرىنىمۇ تىلغا ئالدى. بېلگىيەنىڭ لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى بېلگىيە لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 19-مارت كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە بېلگىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسىدىن ساموئېل كوگۇلاتى ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە بىر مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەكبەر ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، بېلگىيە لوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، لېكسىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى، ئىستراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈملىرىدە مەخسۇس تەربىيەلىنىۋاتقانلار بولۇپ، ئەكبەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇل ئىشچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە نۇقتىلىق سوئاللارنى تەييارلاپ كېلىشكەن. خىتاينىڭ خامچوت كىرىمى ئالدىنقى ئىككى ئايدا تۆۋەنلىدى ئىگىلىنىشچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا خىتاينىڭ خامچوت ئومۇمىي كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 2.3 تۆۋەنلىگەن. خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى 2024-يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە بولغان خامچوتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، خامچوت ئومۇمىي كىرىمى ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا % 2.3 تۆۋەنلەپ، 4 تىرىليون 460 مىليارد يۈەن يەنى تەخمىنەن 619 مىليارد 500 مىليون دوللار بولغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن ئەزالىق سۆھبىتىنى باشلاش قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن قوشۇلۇش سۆھبىتىنى باشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىريۇسسېلدىكى باشلىقلار يىغىنى داۋام قىلىۋاتقاندا X ھېساباتىدىن بايانات ئېلان قىلدى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا 2016-يىلى 15-فېۋرال ئەزالىق ئىلتىماسىنى سۇنغان بولۇپ، 2022-يىلى 15-دېكابىر كاندىدات دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. خىتاي ھەربىي پاراخوتى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلدى ئىگىلىنىشچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ تاقىم ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيەنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغان. ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناخا رايونىدىكى 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت باش ئورگىنىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ 4 دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. خىتاي پاراخوتلىرى كۇبا جىما ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ رايوندا ئىككى سائەت تۇرغاندىن كېيىن ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلغان. ئوتتۇزدىن ئارۇق دۆلەت يادرو ئېنېرگىيىسى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى ۋە بېلگىيە ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلغان بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى يادرو ئېنېرگىيىسى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا يادرو ئېنېرگىيىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلىندى. يادرو ئېنېرگىيەسىنى قوللايدىغان 30 نەچچە دۆلەت ھازىرقى يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، يېڭى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش ۋە كىچىك مودۇللۇق رېئاكتور قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا ۋەدە بەردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur