UYGUR TV

26/3/2024 شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كېمەيتىشنى يەنە تەكىتلىگەن

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي ب د ت دا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 55-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، يەنى 18-مارت خىتاينىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش: شىزاڭ ۋە شىنجاڭ ئەمەلىيىتى» تېمىسىدا لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا سۆز قىلغان غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى تارقىتىش ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چياۋ باشېڭ: «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتۈپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى» دەپ بىلجىرلىغان. شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كېمەيتىشنى يەنە تەكىتلىگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىشىدا تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتۈشى، نۇرغۇن گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغانلىقى ۋە «شىنجاڭ خىزمىتى» گە ئائىت بەزى مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما كونكىرېت قانداق «يوليورۇق» لارنى بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. نۆۋەتتە، نوپۇزلۇق چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ شۇ قېتىملىق ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتۈشتە، ئۇنىڭ 2014-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، لاگېر ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز 24-مارت ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى خ تا، شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان تۇيۇقسىز زىيارىتىدە ئۇنىڭ بۇ سىياسەتنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئادرىيان زېنزنىڭ قەيت قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2014-يىل قىلغان بىر قېتىملىق مەخپىي سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى «يۆتكەپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» نى قوللىغان ئىكەن. خىتاي تارىم ئويمانلىقىدىن 350 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ئاز بىر قىسىم خەلقئارالىق ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ رايوننىڭ بايلىقىنى قېزىش ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي دائىرىلىرى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تارىم نېفىتلىكىدىن 350 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى باشقۇرىدىغان تارىم نېفىتلىكى 2004-يىلى 9-ئايدىن 2024-يىلى 21-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى» ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرىدىكى رايونلارنى 350 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن. ئەنگلىيە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ خىتاي شەخسلىرىگە جازا قويماقچى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن يېقىنقى تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق خىتاي شەخسلىرىگە جازا يۈرگۈزمەكچى بولغان. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئولىۋېر دوۋدېن 25-مارت كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىغا خىتاي دۆلىتىنىڭ ھامىيلىقىدىكى تور بۇزغۇنچىلىرىنىڭ يېقىندا ئەنگلىيە سايلام كومىتېتىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، مىليونلىغان ئەنگلىيەلىكنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشىشى ۋە بۇنىڭ ئەنگلىيە دېموكراتىك مۇساپىسىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۇنجى قېتىم غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ماقۇللىدى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، رامىزاندا غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان قارار ماقۇللىدى. قاراردا خاماس تۇتقان بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان. ئىلگىرى نەچچە قېتىم ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلغان ئامېرىكا بۇ قېتىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، بۇ قارار خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 14 دۆلەتنىڭ ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىندى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur