UYGUR TV

29/06/2022 ئەنگىلىيە روسىيە ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر يەتتە رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 28-ئىيۇن يىغىن خىتابنامىسى ئىلان قىلىندى. ئېنېرگىيە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، كېلىمات، كوۋىد 19 ۋە روسىيە نېفىتى قاتارلىق مەسىلىلەر يەر ئالغان خىتابنامىدە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان. رەھبەرلەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئەستايىدىل قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن خىتابنامىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي خوڭكوڭدا ئەنگىلىيە-خىتاي بىرلەشمە خىتابنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەركىنلىك ۋە ئاپتونومىيە ۋەدىسىنى ھۆرمەتلەشكە تەكلىپ قىلىنغان. رەھبەرلەر يەنە خىتاينى روسىيەگە ئۇكرائىنادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. ئەنگلىيە پېنسىيە ئىدارىسى خىتاي ئىشلەپچىقارغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى چەكلىگەن ئەنگلىيەنىڭ ئەمگەك ۋە پېنسىيە ئىدارىسى ئ‍ۆزىنىڭ خىزمەت بىناسىدىكى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئ‍ورگان بۇ قارارنى خىتاينىڭ «خاڭجو خەيكاڭ دىگىتال تېخنولوگىيە شىركىتى» بىلەن «جېجياڭ داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلاشقانلىقى، شۇنداقلا بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلغان. شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە ۋە تۈركىيە ئۈچ تەرەپ ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فىنلاندىيە پرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو، شىۋىتسىيەن باش مىنىستىرى ماگدېلېنا ئاندېرسون ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ئىسپانىيەنىڭ مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە تۆت تەرەپلىك يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن، تۈركىيە، شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش جەريانى ھەققىدە ئۈچ تەرەپ ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى. خىتاي: ئامېرىكىنى تەيۋەن بىلەن بولغان رەسمىي ئالاقىسىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجەن ئامېرىكىنى «بىر خىتاي پرىنسىپى ۋە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ بىرلەشمە خىتابنامىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن بىلەن بولغان بارلىق رەسمىي ئالاقىنى توختىتىشقا» چاقىردى. ئەنگىلىيە روسىيە ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلدى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى جونسون ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدىكى ئىلىم-پەن ئالىملىرىنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلدى. جونسون روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرىدىغان روسىيە ئالىملىرىنىڭ ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف ۋە تۈرك سودىگەر ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلدى قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېف ۋە تۈركىيە كوچ گوروھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى ئەلى كوچ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلدى. قازاقىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، يىغىن جەريانىدا توقايېف كوچ گوروھىنىڭ نۆۋەتتىكى پائالىيىتى ۋە قازاقىستاندىكى بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇش پىلانى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان. توقايېف مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم، بىز قازاقىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھەر ۋاقىت قوللايمىز». #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur